باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
28 مىڭ تۈپ كەندىر تېرىغۇچى تورغا چۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 14:50:58

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، رۇشەنگۇل تۇرسۇن خەۋىرى: ئاتۇش شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 3–سېنتەبىر زەھەرلىك چىكىملىك (كەندىر) تېرىش جىنايىتى سادىر قىلغان ئالمۇراتنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

ئىگەللىنىشچە، ئاتۇش شەھرىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ئالمۇرات كەندىر تېرىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە 4–ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆينىڭ ھويلىسى ۋە بېغىغا 28 مىڭ تۈپ كەندىر تېرىغان. 11–ئىيۇل، ئاتۇش شەھەرلىك جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ، 28 مىڭ تۈپ كەندىرنىڭ ھەممىسى كېسىۋىتىلگەن. دېمەك، ئالمۇرات زەھەرلىك چىكىملىك (كەندىر) تېرىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 11–ئىيۇل ئاتۇش شەھەرلىك جامائەت خەۋپسسزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن توختىتىلغان. ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق