باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
خېروئىن ساتقان كادىر تورغا چۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-17 14:54:37

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، رۇشەنگۇل تۇرسۇن خەۋىرى: ئاتۇش شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 19–ئاۋغۇست زەھەرلىك چىكىملىك (خىروئىن) نى ئېلىپ سېتىش جىنايىتى سادىر قىلغان ھاكىمنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

ئىگەللىنىشچە،ئاتۇش شەھرىنىڭ مەلۇم ئورۇندا ئىشلەيدىغان ھاكىم 18–ئىيۇل چۈشتىن كىيىن توختى بىلەن ئاتۇش خەلق مەيدانىدا ئۇچرۇشۇپ، 20 گىرام خىروئىننى 20 مىڭ يۈەنگە پۈتۈشكەن،ھەمدە توختىدىن 20 مىڭ يۈەننى ئېلىپ كەچتە كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشقان.ھاكىم كەچتە مەلۇم ئولتۇراق رايۇنىغا بېرىپ 9.4720 گىرام خىروئىننى توختىغا بېرىپ،9900 يۈەن پۇلنى ھاكىمغا قايتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقاندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن.ج خ خادىملىرى شۇ ھامان ھاكىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ،توختىدىن ئالدىن ئالغان 10 مىڭ يۈەننىمۇ قولغا چۈشۈرگەن.ھاكىم زەھەرلىك چىكىملىك ئېلىپ سېتىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن،19–ئىيۇل ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە توختىتىلغان.

ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق