باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
دۇككاندارنى بۇلىغان خېرىدارلار تورغا چۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-17 14:56:17

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت، رۇشەنگۇل تۇرسۇن خەۋىرى: ئاتۇش شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 25-ئاۋغۇست بۇلاڭچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان مۇختەر بىلەن ماكەلنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

ئىگەللىنىشچە، 20–ئىيۇل كەچ سائەت توققۇز ئەتراپلىرىدا مۇختەر دوستلىرى ماكەل،قاسىملار بىلەن مەلۇم بىر ھاراق دۇككىنىدا بىر ئاز ئولتۇرۇشقاندىن كىيىن ئۆيلىرىگە قايتىشقان، مۇختەر ماكەل بىلەن تاغدىن –باغدىن پاراڭلاشقاچ مەلۇم بىر دۇككاننىڭ ئالدىغا كەلگەندە،مۇختەر ماكەلغا دۇككاندارنى بۇلاشنى ئېيتقان.شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن دۇككانغا كىرىپ ھاراق تاللاش جەريانىدا مۇختەر بىر قولىدا دۇككاندارنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ، بىر قولىدا پىچاقنى دۇككاندارنىڭ بوينىغا پىچاقنى تەڭلەپ پۇل چىقىرىشنى ئېيىتقان. دۇككاندار پۇلنىڭ تارتمىدا ئىكەنلىكىنى ئېيىتقاچ ، تارتمىنى ئېچىشقا تەمشەلگەندە، مۇختەر تارتىپ ئاچىمەن دەپ پۇللارنى چېچىۋەتكەن،ھەمدە يەردىكى پۇلدىن 470 يۈەننى ئېلىپلا سېرتقا ئۆزىنى ئاتقان . بۇ ۋاقىتتا ماكەلمۇ يەردىكى پۇلنى ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقاندا، دۇككاندار ماكەلنىڭ باش ، قوللىرىغا كالتەك بىلەن بىر قانچىنى ئۇرغان. بۇ چاغدا ماكەل ئىچىملىكنىڭ قۇتىسى بىلەن دۇككاندارنىڭ بېشىغا بىرنى ئۇرۇپلا قېچىپ كەتكەن.دۇككاندار شۇ ھامانلا 110 غا دىلۇ مەلۇم قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ج خ خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا كىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،مۇختەر بىلەن ماكەلنى قولغا چۈشۈرگەن.

دېمەك مۇختەر بىلەن ماكەل بىرلىشىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن،22–ئىيۇل ئاتۇش شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە توختىتىلغان.

ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق