باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
رەھبىرى كادىرلارغا يانفۇن پاكلىق قىسقا ئۇچۇرى يوللاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-17 14:57:50

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋرى: ئاتۇش شەھرى پاكلىق مەدەنىيىتى تەشۋىق-تەربىيە سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن،زامانىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،يانفۇن ۋە ئېنتېرنىت تورىدىن پايدىلىنىپ،پاكلىق ئۇچۇر سەھنىسى تەسىس قىلىپ،شەھەردىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئاممىنى پاكلىق تەربىيەسىگە ئىگە قىلىپ،ياخشى پاكلىق مەدەنىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلدى.

پاكلىق قىسقا ئۇچۇر سۇپىسىدا ھېيىت-بايراملاردا قەرەللىك ۋە قەرەلسىز پاكلىق ئۇچۇرلىرى ۋە قانۇن تۈزۈمگە ئائىت مەزمۇنلار يوللۇنىپ،كادىرلار بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلاردا «پاكلىق شەرەپلىك، چېرىكلىك نۇمۇس» ئىدىيەسى تۇرغۇزۇلۇپ،چېرىكلىشىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.ھەر ئايدا بۆلۈم دەرىجىكىگىچە پاكلىق ئۇچۇرى يوللاپ،بايرام ،توي-تۆكۈنلەردە ئۇچۇر سانىنى كۆپەيتىپ،رەھبىرى كادىرلارغا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش،پاك بولۇش تېرىشچانلىق بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلەشنى ۋاقتىدا ئەسكەرتتى.«پاكلىق ئۆلچىمى» ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى، ئاپتونۇم رايۇن،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ 10 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئۇچۇر يوللاپ،رەھبىرى كادىرلارنىڭ پاكلىقىغا ئالاقىدار سىياسەت ۋە تۈزۈملەرنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

نۆۋەتتە، ئاتۇش شەھرى يانفۇن پاكلىق ئۇچۇر سەھنىسى ئارقىلىق 3600 دىن كۆپرەك پاكلىق ئۇچۇرى تارقاتتى،رەھبىرى كادىرلار پاكلىق ئۇچۇرىنىڭ تۈرتكىسىدە پاك ئىنتىزامچان بولۇپ، چىرىكلىكتىن مۇداپىيەلىنىش ئېڭىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى دېيىشتى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق