باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
قىزىلسۇ ئوبلاستى پارتىيەلىك كادىرلارغا چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش «ۋاكسىنا» سى ئەملىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-17 15:50:49

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز : ناسىپجان مامۇت خەۋرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى يېشىل، سېرىق،قىزىل رەڭلىك پاكلىق سۆھبىتى ئېبرەت تەربىيەسى مېخانىزىمى ئورنىتىپ،پاكلىق ئارخىپىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ،چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،پارتىيەلىك كادىرلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەرنى تۈپتىن تۈزەتتى.

ئىگەللىنىشچە، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيەلىك كادىرلارغا يېشىل، سېرىق،قىزىل رەڭلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل دەرىجە بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى بەرگەن،بۇنىڭ بىلەن ئىبرەت تەربىيەسى ئالغان كادىرلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىش بىلەن بىرگە نازارەت قىلىنغان كادىرلارنىڭ دەرىجىسىمۇ بارغانسىرى يۇقۇرى بولغان.يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان رەھبىرى كادىرلار،پات ئارىدا پىنسىيەگە چىقىدىغانلار ياكى نوقتىلىق ساھە،مۇھىم تارماق، ئەمىلى ھوقۇقلۇق ئىش ئورنىدىكى رەھبىرى كادىرلارغا پاكلىق ئىبرەت تەربىيەسى بېرىلىپ، ئارخىپىغا سېرق رەڭلىك بەلگە سېلىنغان.ئالاقىدار تارماقلار قەرەلسىز ھالدا ئالاقىدار ساھەلەرنى تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگەللەپ،قەرەللىك تۈردە ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ باردى؛پاكلىقىنى باھالاشتا ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان،ئەرزىيەت ئىشلىرىدا سەلبى تەسىر بولغان ياكى پاش قىلىنغان،لېكىن ئېنىق يىپ ئۇچى ۋە دەلىل-ئىسپات بولمىغان، نازارەت قىلىش،تەكشۈرۈش، مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەش خىزمىتىدە قىسمەن بىخ ھالىتىدىكى مەسلە بايقالغان ياكى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرمىگەن رەھبىرى كادىرلار نوقتىلىق سېردىشىش،ئىبرەت تەربىيەسى بېرىش ئوبىكتى قىلىنىپ،ئارخىپىغا«سېرق» رەڭلىك بەلگە قويۇلدى.ئەرز قىلىنغان، پاش قىلىنغان مەسىللەر بىر قەدەر ئاز ياكى يوق،لىكىن «خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش نوقتىسى» دىكى رەھبىرى كادىرلارغا قارىتا ئارخىپىغا «يېشىل»رەڭلىك بەلگە قويۇلدى.ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى قەرەللىك ھالدا «يېشىل رەڭلىك»كادىرلار بىلەن كوللىكتىپ سۆھبەتلىشىپ،ئۇلارغا «پاكلىق ۋاكسىنىسى»ئەملىدى.

ھازىرغا قەدەر،قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بالدۇر، بىخ ھالىتىدە تۇتۇپ،سۆھبەتلىشىش، مەسلىھەت بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ،ئاگاھلاندۇردى ۋە ئالدىنى ئالدى،12 كىشىگە ئىبرەت تەربىيەسى بەردى،ۋەزىپىگە قويۇلۇشتىن بۇرۇن 45 كىشى بىلەن كوللىكتىپ پاكلىق ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق