باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
ئۆكتەبىر بايرىمىدا تاشيوللاردىن ئۆتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 17:23:29

 

ھەق كەچۈرۈم ۋاقتى 1-ئۆكتەبىر سائەت 0 دىن 8-ئۆكتەبىر سائەت 24 كىچە بولىدۇ

بۇ يىل ئۆكتەبىر بايرىمى ۋە قۇربان ھېيتلىق سەككىز كۈن دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى تاشيوللاردا قاتنايدىغان يەتتە كىشىلىكتىن كىچىك (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

مۇخبىرنىڭ 24-سېنتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەق كەچۈرۈم ۋاقتى 1-ئۆكتەبىر سائەت 0 دىن 8-ئۆكتەبىر سائەت 24 كىچە بولۇپ، يەتتە كىشىلىكتىن كىچىك (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاپتوموبىللاردىن باشقا، يەنە ئادەتتىكى تاشيوللاردا قاتناش رۇخسەت قىلىنغان موتوسىكلىتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

قاتناش ھەققى ئالماسلىق ۋاقتى ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندىكى ۋاقىت، يېپىق ھالەتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغاندىكى ۋاقىت ئاساس قىلىنىدىكەن، بىردەك بېيجىڭ ۋاقتى قوللىنىلىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق