باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
دومىنىكا 35 نەپەر قانۇنسىز مۇساپىرنى قولغا ئالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 18:11:23

 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، دومىنىكا ساقچى تەرەپ 24–چىسلا ئېلان چىقىرىپ مۇنداق دېگەن: دومىنىكا ھەربىي، ساقچىلىرى يېقىندا مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بارغان ئاختۇرۇش ھەرىكىتىدە ھايتىدا تۇرۇشلۇق 35 نەپەر قانۇنسىز مۇساپىرنى قولغا ئالغان.

ئېلاندا مۇنداق دېيىلدى، قولغا ئېلىنغان، ھايتىدىكى قانۇنسىز مۇساپىرلار ئىچىدە، 20 كىشى ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش كېمىسىگە چىقىپ دومىنىكانىڭ شەرقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە كەلگەندە تۇتۇلۇپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 15 كىشى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى بىر ئۆلكىدىكى تاشيولدا كېتىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قالغان. ئۇلار ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتۈپ، پوئېرتورىكوغا بېرىپ، ئاندىن ئامېرىكىغا بېرىشنى نىشانلىغان. بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە، دومىنىكادىكى شۇ يەرلىك قانۇنسىز مۇساپىرلارنى ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەيدىغان «كاتتىۋاش» تىن ئىككىسى تۇتۇلغان.

دومىنىكا كارىب دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى ئىسپانىئولا ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن پوتېرتورىكونى دېڭىز ئايرىپ تۇرىدۇ، بۇ يەر قانۇنسىز كۆچمەنلەر چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈپ ئامېرىكىغا كىرىدىغان مۇھىم يول بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق