باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
FBI توردا ساختا پىراۋا سېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 19:28:43

 

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا كىشىلەر پەقەت 150 ئامېرىكا دوللىرى پۇل خەجلىسىلا توردا يېڭى جېرسىي شىتاتىنىڭ ماشىنا پىراۋىسىنى سېتىۋالالايدىكەن. شۇ يەر ۋاقتى چارشەنبە كۈنى FBI بىلەن ئامېرىكا پوچتا تېلىگراف تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىرلىشىپ توردا يېڭى جېرسىي شىتاتى، فىلورىدا شىتاتى، ئىللىنويس شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شىتاتى ۋە ۋىسكونسىن شىتاتى، رودې ئارىلى شىتاتى قاتارلىق شىتاتلارنىڭ ساختا شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى سېتىش دېلوسىنى پاش قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، ساختا شوپۇرلۇق پىراۋىسى ساتىدىغان fakeidstore.co ۋە fakedlstore.com دىن ئىبارەت بۇ تور بەتلەردە يەنە ئوغرىلاپ كېلىنگەن بانكا ئىناۋەتلىك كارتا ئۇچۇرلىرىمۇ سېتىلىدىكەن.

بۇ ساختا شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى سېتىۋىلىشنى خالىغۇچىلار تور بەتتە 10 دانە ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق پىراۋىنى توپ ھالدا سېتىۋالسا بولىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا بىت تەڭگىسى ۋە ئالدىن تۆلەش كارتىسى ئىشلىتىپ ھەق تۆلىگىلى بولىدىكەن.

نىيۇۋاك تەپتىش مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم قولغا چۈشكەن Ricardo Rosario、Abraham Corcino、Scott Carthens ئىسىملىك ئۈچ نەپەر جىنايەتچى باشقىلارنى ئالداپ قاقتى سوقتى قىلىش ۋە سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. تەپتىش مەھكىمىسى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، Rosario ئىسىملىك جىنايەتچى بولسا بۇ ئالدامچىلىق گۇرۇھىنىڭ ئاتامانى بولۇپ، ساختا شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ساتىدىغان بۇ تور بېكەتنىمۇ Rosario قۇرۇپ چىققان. Corcino بىلەن Carthens بولسا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ساختا شوپۇرلۇق پىراۋىسى ياساش ۋە سېتىپ يەتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.

ئىگەللىنىلىشىچە، يۇقارقى ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا جەمئىي 1514 پارچە ساختا شوپۇرلۇق پىراۋىسى ساتقانىكەن. ئەگەر بۇ دېلو قوبۇل قىلىنسا، ئۇنداقتا بۇ ئۈچەيلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق