

تۈنۈگۈن كەچ سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا، بېيجىڭ فېڭتەي رايونى تۇەنخې يولىدا، توپا بېسىپ ماڭغان بىر ماشىنا كەينى كەينىدىن يەتتە ماشىنىنى سوقۇۋەتكەندىن كېيىن، يول بويىدىكى بىر ئاشپۇزۇلغا سوقۇلۇپ، بىر كىشىنى دەسسىۋەتكەن، ئاز دېگەندە ئۈچ كىشى يارىلانغان. ماشىنىنىڭ ئاستىدا قالغان ئەرنىڭ دوستى مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ پەقەت بېشى بىلەن پۇتىلا مۇكەممەل ساقلىنىپ قاپتۇ، يۈرىكى بولسا بىر يەردە سوقۇۋاتىدۇ». خەلق ساقچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، توپا بېسىپ ماڭغان بۇ ماشىنىنىڭ تورمۇزى كېرەكتىن چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.