باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
نىيۇيورك بۇلاڭچىلىرى مەخسۇس iPhone6 يانفون ھايانكەشلىرىنى بۇلايدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 16:50:32

 

ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى يانفونى-iphone 6 يانفونلىرىنىڭ سېتىلىشنى باشلىشى بىلەن پۈتۈن يەر شارىدىكى جۇڭگولۇقلار ئىچىدە iphone 6 يانفونى سېتىۋېلىش دولقۇنىنى قوزغىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان يانفون ھايانكەشلىرىمۇ توردا iphone 6 يانفونى سېتىش توغرىسىدىكى ئېلان ئۇچۇرلىرىنى چىقىرىپ، يانفون ھايانكەشلىك سودىسى ئارقىلىق پۇل تېپىپ بېيىشنى باشلىغانىدى. لېكىن يېقىندا نىيۇيورك شەھىرىنىڭ بىرۇكلىن رايونىدا غەلىتە بىر جىنايەت گۇرۇھى پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ جىنايەت گۇرۇھىدىكىلەر مەخسۇس iphone 6 يانفونى ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يانفون ھايانكەشلىرىنى قورال ئارقىلىق بۇلاش دېلوسى سادىر قىلغان. 24-چېسلا كۈنى كەچتە، بىر نەپەر جۇڭگولۇقلار پۇشتىدىن بولغان ئەر نىيۇيوركتا بىر توپ قوراللىق جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بولۇپ، بۇ قوراللىق بۇلاڭچىلار بۇ ئەرنىڭ 14 دانە iphone 6 يانفونىنى بۇلاپ كەتكەن.

24-چېسلا كۈنى كەچ سائەت 10 لاردىن ئاشقاندا، نىيۇيورك شەھىرى 6-چوڭ كوچىسى 52-يولىدا ئولتۇرۇشلۇق 24 ياشلىق فۇجيەنلىك گاۋ فېي ئىسىملىك ئەر ئۆزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىككى نەپەر ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئەرگە ئالما iphone 6 يانفونى سېتىپ بېرىۋاتقاندا، توساتتىنلا قولىغا قورال كۆتۈرۈۋالغان بىر توپ ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان بۇلاڭچىلار پەيدا بولۇپ، بۇ ئەرنىڭ 14 تال iphone 6 يانفونىنى بۇلىغاندىن كېيىن تېزلىكتە قېچىپ كەتكەن. گاۋ فېي ئىسىملىك بۇ ئەر بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان بولۇپ، 72-ساقچى ئىدارىسى دەرھال ئۈچ ماشىنىلىق ساقچى خادىمىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن ھەم دېلو يۈز بەرگەن يېقىن ئەتراپتىكى رايونلارنى ئىزدەشكە باشلىغان.

گاۋ فېينىڭ ياتاقدىشى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا گاۋ فېي ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق ئۆينىڭ ئالدىدىكى كارىدوردا ئىككى نەپەر ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئەر بىلەن سودىلىشىۋاتقان بولۇپ، كەينىدىنلا ئۇ ئەھۋالنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى، iphone 6 يانفونىنى ئۇلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن بېرىشىم بىلەنلا ئۇلار يانفوندىن يەنە بارمۇ، بىز ھەممىنى سېتىۋالىمىز دېدى، شۇنىڭ بىلەن دوستۇم ئۆيگە كىرىپ باشقا يانفونلارنى ئېلىپ چىقىشى بىلەنلا ئۇلار يېنىدىن قورال چىقىرىپ بىزنىڭ قولىمىزدىكى iphone 6 يانفونلىرىنى بۇلاپ كەتتى.

ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالما iphone 6 يانفونى سېتىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، گاۋ فېي مالىلاندىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ 10 تالدىن ئارتۇق iphone 6 يانفونى سېتىۋالغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 20-كۈنى نىيۇيوركقا كەلگەندىن كېيىن توردا ئالما iphone 6 يانفونى سېتىش توغرىسىدا ئېلان چىقارغان، ئۇ ھەر بىر تال iphone 6 يانفونىغا 800 دوللار ئەتراپىدا باھا قويغان بولۇپ، بۇ يانفونلارنى سېتىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشمەكچى بولغان. لېكىن ئۇ ئىككى بۇلاڭچىنىڭ يانفون سېتىۋالغۇچى قىياپىتىدە ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ قولىدىكى 14 تال iphone 6 يانفونىنى بۇلاپ كېتىشىنى خىيالمۇ قىلىپ باقمىغانىدى.

ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان دەل مۇشۇ خىل ۋاستە ئارقىلىق iphone 6 يانفونىنى بۇلاپ كېتىش دېلوسى خېلى كۆپ يۈز بەرگەنىكەن. 19-چېسلا كۈنى ھىندىستانلىقلار پۇشتىدىن بولغان بىر سودىگەرمۇ نىيۇيوركتا توردا ئالما iphone 6 يانفونى سېتىش توغرىسىدا ئېلان چىقارغاندىن كېيىن، ئىككى نەپەر ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئەر يانفون سېتىۋالغۇچى قىياپىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان ھەم كۆرۈشكەندىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ قولىدىكى 15 تال iphone 6 يانفونىنى بۇلاپ كەتكەن. نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بۇ ئىككى قېتىملىق بۇلاڭچىلىق دېلوسىنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى قېتىملىق بۇلاڭچىلىق دېلوسىنى سادىر قىلغان بۇلاڭچىلارنىڭ ئوخشاش كىشىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق