باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
جۇڭگونىڭ زور مىقداردىكى ساختا پراۋىسى ئامېرىكىغا كىردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-26 17:34:18

 

جۇڭگو ياسىغان ساختا ئامېرىكا پىراۋىسى ھازىر زور مىقداردا ئامېرىكىغا كىرگەن، ياسىلىش سەنئىتى ناھايىتى نەپىس بولۇپ، راست پراۋا بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك دەرىجىگە يەتكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسى ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئەمەلدارى ئۆزلىرىنىڭ زور مىقداردىكى چەتئەلدىن ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن ساختا پراۋىنى تەكشۈرگەنلىكى، مىقدارىنىڭ نەچچە يۈز يەشىككە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ساختا پراۋىلار ناھايىتى نەپىس ياسالغان، ھەربىرىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 150 دوللار ( تەخمىنەن 920 يۈەن) بولۇپ، بۇ ساختا پراۋىلار ئىنتايىن ئېغىر بىخەتەرلىك تەھدىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ ساختا پراۋىلار چاي يەشىكى ۋە زىبۇ-زىننەت يەشىك ئارىسىغا يوشۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈركۈم مال تاپشۇرىۋالغۇچىلا بولسا ئوخشاش بىر ئۇنۋېرسىتىتتىكى 20 نەپەر ئوقۇغۇچى بولغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسى ۋە چىگرا قوغداش ئىدارىسى ئەمەلدارى بۇ زور مىقداردىكى ساختا پراۋادىن ئىنتايىن ھەيران قېلىپ، « بىز بۇ ئىشقا تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە ئېغىر تەھىدىت پەيدا قىلىدۇ»دېگەن.

ساختا پراۋا سېتىۋالغۇچى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بايقىلىپلا قالسا ئۇلارنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە رەسمىي پراۋا ئىلتىماس قىلىشى بىر يىل كۈچتىن قالدۇرۇلىدۇ، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار ساختا پراۋا سېتىۋالغانلىقتىن مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق