باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
قارا تاكسى شوپۇرى ئاچقۇچىنى يۇتۇۋېلىپ ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-27 11:49:23

 

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى تەييۇەن پويىز ئىستانسىسى ئالدىدىكى يىڭزې چوڭ يولى ئەتراپى، يولۇچى توشۇش ئىشخانىسى يولۇچى توشۇشنى نازارەت قىلىش ئەترىتىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان بىر قارا تاكسى شوپۇرىنىڭ ماشىنا ئاچقۇچىنى يۇتۇۋىلىشىنى توسۇماقتا. بۇ قارا تاكسى شوپۇرى باشتىن ئاخىر ماشىنا ئاچقۇچىنى چىڭ چىشلىۋېلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. رەسىمدە قارا تاكسى شوپۇرى ماشىنا ئاچقۇچىنى يۇتماقچى بولماقتا.

نەق مەيداندىكى قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى بۇ قارا تاكسى شوپۇرىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى يۇتۇۋېتىپ سالامەتلىكىگە زىيان سېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ ئەرگە نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى توسۇپ قالماقچى بولغان، لېكىن بۇ جەرياندا قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ قولىمۇ بۇ ئەر تەرىپىدىن چىشلىۋېلىنغان. بىر سائەتتىن ئارتۇق نەسىھەت قىلىش ئارقىسىدا بۇ ئەر شوپۇر ماشىنا ئاچقۇچىنى قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ھەم ئۆزىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىغا ئىقرار بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رەسىمدە، قارا تاكسى شوپۇرى قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ ئۆز ماشىنىسىنى تۇتۇپ قېلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرمەكتە.

ئىگەللىنىلىشىچە، تەييۇەن پويىز ئىستانسىسى شۇنداقلا مۇشۇ ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تاكسى تىجارەت ئەھۋالى ۋە قاتناش مۇھىتى ئىزچىل ھالدا شەھەر ئاھالىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تاكسى توسۇشى تەس بولۇش، شوپۇرلارنىڭ يولۇچىلارنى ئالداش قىلمىشى ئېغىر بولۇش شۇنداقلا قارا تاكسىلار ئەۋج ئېلىپ كېتىشتەك مەسلىلەر ساقلانغانىدى. شەھەر ئاھالىلىرى بۇ مەسلىلەرنى ئىزچىل ھالدا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەرز قىلىپ كەلگەن، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشلارنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل قانۇنسىز يولۇچى توشۇشتەك قىلمىشلار يەنىلا جاھىللىق بىلەن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋەرگەنىدى. پويىز ئىستانسىسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ قاتناش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قاتناش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، تەييۇەن شەھەرلىك يولۇچى توشۇش ئىشخانىسى، ماشىنا بېكىتى باشقۇرۇش كومېتىتى، ۋېنمىياۋ ساقچىخانىسى، بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى، قاتناش ساقچى ئىدارىسى قاتارلىق 5 ئىدارە-ئورۇن بىرلىكتە 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ تەييۇەن پويىز ئىستانسىسى مەيدانىنىڭ ئالدىدىكى يولدا بىرلەشمە تۈزەش ھەركىتىنى قانات يايدۇرغانىدى. يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ زەربە بېرىشنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، يولۇچى توۋلاش، قارا تاكسى ماشىنىلىرى ۋە قارا كىرا موتسىكلىتلىرىنى ئاساسلىق تۈزەپ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق