باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
گۇاڭشىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئالتە ئادەم ئۆلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-27 11:58:00

 

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرى گۇاڭشى بېيخەي شەھىرى تىيېشەنگاڭ رايونى سەنتاڭ يول بۆلىكىدىكى قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە، بېيخەي شەھىرى تىيېشەنگاڭ رايونى سەنتاڭ ماي قاچىلاش پونكىتى ئەتراپىدا كىچىك پىكاپ بىلەن چوڭ تىپلىق يۈك ماشىنىسىنىڭ سوڭدىشىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ئوت ئۆچۈرۈش ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەگە ئۇچرىغان كىچىك پىكاپتا ئەسلىدە يەتتە ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتىسى نەق مەيداندا ئۆلگەن، يەنە بىرەيلەن ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن. نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىنىڭ كونكىرت سەۋەبى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق