باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ئۇچۇرلىرى
گۇاڭشى چېگرىسىدا مىڭ توننا ئەتكەس توڭلىتىلغان يېمەكلىك بىر تەرەپ قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-27 12:00:31

 

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو-ۋېيتنام چېگرىسىغا جايلاشقان گۇاڭشى فاڭچېڭگاڭ پورتىدا 1000 توننىغا يېقىن ئەتكەس توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر مەركەزلەشتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ ئەتكەس يېمەكلىكلەرنىڭ دېلو سوممىسى تەخمىنەن 10 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ قېتىم بىر تەرەپ قىلىنغان ئەتكەس يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى برازىلىيە، پولشا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىرگەن بولۇپ، فاڭگاڭچېڭ پورتى دېڭىز ياقىسىغا جايلىشىشتەك جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەر زەھەر ، توڭلىتىلغان يېمەكلىك قاتارلىق ئەتكەس ماللارنىڭ جۇڭگوغا ئېقىپ كىرىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولۇپ قالغانىدى. شۇ جايدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەر يىلى ئەتكەس مال دېلولىرى ئۈستىدە ئاچىدىغان سوت قېتىم سانى ئادەتتە پۈتۈن گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق