باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ساۋاتلىرى
مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئادەتتىكى ۋاقىتتا مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 13:02:49

 

مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئادەتتىكى ۋاقىتتا مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟

مەكتەپ ئاپتوموبىلىرى يول يۈرگەندە ئالاھىدە ئىتىبارلىق يول يۈرۈش ھوقوقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇڭا ئالاھىدە يول يۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالاھىدە ئىتىبارلىق يول يۈرۈش ھوقوقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ، شۇنداقلا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئالاھىدە يول يۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىشىغا، ئالاھىدە ئىتىبارلىق يول يۈرۈش ھوقوقىدىن قالايمىقان پايدىلانماسلىقىغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن، « مەكتەپ ئاپتوموبىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى توشۇغاندا گوۋۇيۈەن ج خ تارماقلىرى بەلگىلىگەن ئورۇنغا مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسىى قويۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن . مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى بەلگىسى ئاساسلىقى مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلىتىش ئىجازىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە قاتناش خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ تەستىقلانغان لىنىيەسىدە يول يۈرگەن – يۈرمىگەنلىكى، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقى، يۇقىرىغا مەلۇم قىلىنغان مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرىنىڭ ھەيدىگەن-ھەيدىمىگەنلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلەنگەن ئادەم سانى بويىچە توشىغان –توشىمىغانلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە قۇلايلىق يارىتىدۇ. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى توشۇماي يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا 200يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، شوپۇردىن ئىككى نۇمۇر تارتىلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق