باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ساۋاتلىرى
ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بەرمىسە قانداق نۇمۇر تارتىلىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 13:04:26

 

ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بەرمىسە قانداق نۇمۇر تارتىلىدۇ؟

توختاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىش ۋە چۈشۈرۈش مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىدىكى بىر مۇھىم ھالقا ، شۇنداقلا تاشيول قاتناش ھادىسىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ئاچقۇچلۇق ھالقا . شۇڭا ، «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» دا چەتئەللەرنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى تۈزۈمى ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى تۈزۈمىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ئۆرنەك قىلىنىپ، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا توختاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئالغان ياكى چۈشۈرگەن ۋاقتتىكى ئالاھىدە يول يۈرۈش ھوقوقى بېرىلگەن. بەلگىلىمىدە « مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوخشاش بىر يۆنىلىشتە پەقەت بىرلا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يولى بار بولغان يولدا توختىغاندا ئارقىدىن كىلىۋاتقان ئاپتوموبىل توختاپ ساقلاپ تۇرۇشى، يانداپ ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوخشاش يۆنىلىشتە ئىككىدىن ئارتۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يولى بار بولغان يولدا توختىغاندا ، مەكتەپ ئاپتوموبىلى توختىغان يولنىڭ ئارقى تەرىپىدىكى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يولىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئاپتوموبىلنى توختۇتۇپ ساقلاپ تۇرۇشى، باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يوللىرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى مۇناسىپ ھالدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىشى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئارقىدا توختاپ ساقلاۋاتقان ئاپتوموبىللار سىگىنال ئۇرۇپ ياكى چىرىقىنى ياندۇرۇپ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ئالدىراتماسلىقى كېرەك » دېيىلگەن. ئەگەر جەمئىيەتتىكى باشقا ئاپتوموبىللار مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ توختاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىۋاتقانلىقى ياكى چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بەرمىسە 200يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق