باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ساۋاتلىرى
شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كىتىپ قايتا بېجىرمەكچى بولسا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 13:06:00

 

شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كىتىپ قايتا بېجىرمەكچى بولسا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟

123 –نومۇرلۇق پەرمان يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كەتكەن ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن شوپۇرلار پىراۋىنى تولۇقلاپ بېجىرىش ياكى ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىپ بىر كۈن ئىچىدىلا يېڭى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالالايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ پىراۋىنى سېلىشتۇرۇپ تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە ئۈچ كۈن ۋاقىت كېتەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ قىلىپلىشىشى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق تور ۋە تېخنىك ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىگە، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى خىزمەت ئورنىنىڭ ياخشى تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ كەسپلەرنى بېجىرىش شارائىتى تولۇق ھازىرلاندى. پىراۋىنى سېلىشتۇرۇپ تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە بىر كۈنلا ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، شۇپۇرلۇق پىراۋىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ قايتا بېجىرىشكە ئىلتىماس سۇنغانلارنىڭ ۋاقتىدا تولۇقلاپ بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىلدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق