باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ساۋاتلىرى
چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ سول تەرىپىدىكى يولدا ماڭسا بولامدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-16 13:07:00

 

چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى بەلگىلەنگەن يۈرۈش يولىدا ماڭمىسا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماستىن، قاتناش بىخەتەرلىكىگىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىزنىڭ توردا تەكشۈرۈشىمىزچە، %50 تىن كۆپ كىشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈش تەرتىپىنىڭ ناچار بولۇشىدىكى سەۋەبنى چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەڭ سول تەرەپتىكى يولنى ئىگىلىۋالغانلىقى دەپ قارايدىكەن، شۇڭا، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بەلگىلەنگەن يۈرۈش يولىدا ماڭماسلىقى ـــ ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغان نۇقتىلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە ئىككى بۆلەك يولى بولسا، سول تەرەپتىكى يولنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېزلىكى سائىتىگە 100 كىلومېتىر بولىدۇ؛ ئوخشاش يۆنىلىشتە ئۈچتىن ئارتۇق ئاپتوموبىل يولى بولسا، ئەڭ سول تەرەپتىكى يولنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېزلىكى سائىتىگە 110 كىلومېتىر بولىدۇ، ئوتتۇرىدىكى يولنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېزلىكى سائىتىگە 90 كىلومېتىر بولىدۇ. باشقا بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭىدىغان كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە 120 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، موتوسېكلىتنىڭ 80 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. شۇڭا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ سول تەرىپىدىكى يولنى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلەپ مېڭىشىغا بولمايدۇ، ئەمما ئەڭ سول تەرەپتىكى يولغا چىقىپ ياندىغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى يولىغا چىقىپ مېڭىش نورمال يانداش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق