باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ساۋاتلىرى
دەۋا جەريانىدا دەلىل ئىسپاتنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-17 11:53:11

 

دەۋالاشقۇچىلار سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغاندا، سوت مەھكىمىسى دەۋانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دەۋاگەرگە دېلونى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە، سوت ئۈستىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى، خىيىم-خەتەر ئەسكەرتىمىسى، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش ئۇقتۇرۇشى قاتارلىقلارنى يەتكۈزىدۇ. جاۋابكارغا بولسا، دەۋاگەرنىڭ ئەرزىنى، سوت ئۈستىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى، خىيىم-خەتەر ئەسكەرتمىسى، دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش ئۇقتۇۇشى قاتارلىقلارنى يەتكۈزىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 65-ماددىسىدا دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ئۈچۈن دەلىل-ئىسپاتنى ۋاقتىدا كۆرسىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. سوت ئۈستىدە دەۋالاشقۇچىلار ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىدىغان ۋاقىتتا، «بۇنداق دەلىل-ئسىپاتنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۇقمايدىكەنمەن، دەلىل-ئىسپاتىمىنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھازىر بېرىپ ئېلىپ كېلەي؛ سوتتىن كېيىن تولۇقلاپ بېرەي، گۇۋاھچىمنىڭ بۈگۈن ئىشى چىقىپ قاپتۇ، ئەتە كېلەي دېگەن ئىدى، ھازىر تېلېفون ئۇرسام كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، سوتنى ۋاقتىنچە توختىتىپ ئۇلارغا دەلىل ئىسپاتنى ئېلىپ كېلىشكە، تولۇقلاپ ئېلىپ كېلىشكە ۋاقىت بېرىدۇ، ئەمما دەۋالاشقۇرچىلار سوتتىن بېرىلگەن مۆھلەت ئىچىدە دەلىل-ئسىپاتىنى تولۇقلىيالماي، ۋاقىتدا ئېلىپ كېلەلمىگەنلىك ۋە ياكى ۋاقتىدا تولۇقلىيالماسلىق ئاساسى يېتەرسىز بولۇش سەۋەبلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دەۋا تەلىپى رەت قىلىنىدۇ.

بۇنداق ۋاقىتلاردا دەۋالاشقۇچىلار سوت مەھكىمىسىدىن ۋە سوتچىدىن نارازى بولىدۇ. ئەمما «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى » نىڭ 64-ماددىسدا، دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسىغا قارتا دەلىل ئىسپات بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيتى بار دەپ بەلگىلەنگەن. 65-ماددىسىدا دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ئۈچۈن دەلىل-ئىسپاتىنى ۋاقتىدا كۆرسىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. دەۋالاشقۇچىلار ئۆزلىرى ئالالمايدىغان ئورۇن ياكى تەشكىلاتلاردىن ئېلىشقا تېگىشلىك ئىسپاتلارنى سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلغاندا، سوت مەھكىمىسى ئۆز ھوقۇقىغا تايىنىپ بۇ خىل ئىسپاتلارنى ئېلىپ، سوت ئۈستىدە يۈزلەشتۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ھەق تەلەپ دېلولىرىدىكى دەلىل-ئىسپاتقا دائىر بەلگىلىمىسى» نىڭ ئىككىنچى ماددىسدا دەۋالاشقۇچىلار ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىمىسە ياكى قارشى تەرەپنىڭ دەلىل ئىسپاتىنى ئاغدۇرۋېتەلمىسە پايدىسىز ئاقىۋەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم كېسىم چىقىرىشتا، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقىنى ئۈچۈن، يۇقارقى قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا سوتنى يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىن ئېتەلمىگەن دەۋالاشقۇچىنىڭ دەۋا تەلپىنى رەت قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار يۇقارقىدەك بىپەرۋالىق سەۋەبىدىن دەۋا تەلىپىنى سوت ئۈستىدە يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلمەي دەۋادا ئۇتتۇرىۋېتىپ پايدىسىز ھۆكۈم چىقىپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئېسىدىكى ھەقىقەت بويىچە ئويلاپ سوتچىدىن ناھەق ھۆكۈم چىقىرىپ قويدى، دەپ رەنجىپ نارازى بولۇپ يۈرىدۇ ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى سوتقا نارازىلىق ئەرزى بېرىدۇ. بۇنداق ئۇقۇشماسلىق، نارازىلىق، ئاۋارىچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دەۋالاشقۇچىلار چوقۇم دېلو قوبۇل قىلىش باسقۇچىدا سوت مەھكىمىسى بەرگەن سوت تەييارلىقىغا دائىر چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل كۆرۇپ، سوتقا يېتەرلىك تەييارلىق بىلەن كىرىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى ئادەتتە داۋالاشقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دېلو قوبۇل قىلىش باسقۇچى ھەمدە سوتنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدا ئۇقتۇرۇپ بولىدۇ. ئەگەر بەزى ئىسپاتلارنى ئالالماسلىققا ئورۇنلۇق سەۋەب بولسا ياكى گۇۋاھچىلارنىڭ ۋاقتى توقۇنۇشۇپ قېلىش ئەھۋالى بولسا، سوت ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بېرىشنى، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. مۆھلەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن دەلىل-ئىسپات تاپشۇرغان دەۋالاشقۇچىلار سوت مەھكىمىسىگە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. سەۋەبىنى چۇشەندۈرمىگەندە ياكى سەۋەبى پۇت تېرەپ تۇرالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، دەلىل-ئىسپاتنى قوبۇل قىلماسلىق ياكى دەلىل-ئىسپاتىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ تەنبىھ بېرىش، جەرىمانە قويۇش ئېلىپ بارىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار يوللۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتىنى ئۆتكۈزۈۋەتسە، كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ تەنبىھ بېرىش، جەرىمانە قويۇش، دەلىل-ئىسپاتنى رەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق