باش بەت>>قانۇن ۋە دېلو>>قانۇن ساۋاتلىرى
قانداق ھايۋاناتنى سويۇش، تىجارەت قىلىش، توشۇش مەنئىي قىلىنىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-17 11:54:07

 

دۇنيا مىقياسىدا ھەر يىلى دېگۈدەك ھايۋانات يۇقۇمى يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كەلتۈردى. ھايۋانات يۇقۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەر بىر پۇقرالارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، شۇڭا بۇ ھەقتە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى›› نىڭ 25–ماددىسىدا تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھايۋاناتنى سويۇش، تىجارەت قىلىش، توشۇش ۋە تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھايۋانات مەھسۇلاتىنى ئىشلەش، تىجارەت قىلىش، پىششىقلاش، ساقلاش، توشۇش مەنئىي قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن:

(1) قامال قىلىنغان يۇقۇم رايونىدا كۆرۈلگەن ھايۋانات يۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى؛

(2) يۇقۇم رايوندا ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلار؛

(3) قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىنىدىغان بولسىمۇ كارانتىن قىلىنمىغان ياكى كارانتىندىن ئۆتەلمىگەنلىرى؛

(4) يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىرى؛

(5) كېسەل تېگىپ ئۆلگەن ياكى ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلىرى؛

(6) گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىگە دائىر باشقا بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرى.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق