ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نورۋېگىيە پادىشاھى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 19:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نورۋېگىيە پادىشاھ خالار بەشىنچى يېقىندا ئوسلودا جۇڭگونىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى يى شيەنلياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : نورۋېگىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شۇ كۈنى، يى شيەنلياڭ خالار بەشىنچىگە دۆلەت خېتى تاپشۇردى، خالار بەشىنچى بۇلتۇر 10 - ئايدا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان چاغدىكى مەنزىرە ۋە جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىغا بولغان چوڭقۇر تەسىراتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە نورۋېگىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى.يى شيەنلياڭ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيەنىڭ گەرچە كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان، مەدەنىيىتى ھەر خىل بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەدىرلەش، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ۋە باراۋەرلىكنى قوغداش جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاق تونۇشقا ئىگە، شۇڭا ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك.







中央广播电视总台 央广网 版权所有