ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇرىيە ئارمىيەسى ئىدلىب ئۆلكىسىدە ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 19:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سۇرىيە ئارمىيەسى 8-ئاينىڭ 30 -كۈنى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ سۇرىيەنىڭ غەربى شىمالى قىسمىدىكى ئىدلىب ئۆلكىسىدە ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.سۇرىيە ئاگېنتلىقى ھەربىي ئەربابلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ « تېررورچىلارنىڭ ھەرقانداق ئۇرۇش توختىتىش قىلمىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش » قا قايتۇرما زەربە بېرىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

8- ئاينىڭ 1 - كۈنى، سۇرىيە ھەربىي تەرەپ ئىدلىب توقۇنۇشىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن كېيىن 8-ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ھەمدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىي تەرەپ ھەربىي ھەرىكەتنى قايتا باشلىدى.




中央广播电视总台 央广网 版权所有