ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ نېفىت پاراخوتىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 19:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى : بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ چەت ئەلدىكى زېمىنى گىبرالتار دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان ئىراننىڭ ماي پاراخوتى « ئادرىئان دەريا 1-نومۇر »نى ۋە پاراخوت باشلىقىنى جازالاشنىڭ سەۋەبى بۇ ماي پاراخوتىنىڭ ئىران قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ماي سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىدە.

مالىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېدى : ئىران ئىسلام ئىنقىلابى « مۇقەددەس شەھەر بىرىگايدىسى » « ئادرىئان دەريا 1 - نومۇر » غا ئوخشاش پاراخوتتىن پايدىلىنىپ « قانۇنسىز » زور مىقداردىكى نېفىتنى توشۇپ ۋە سېتىپ، ئېرىشكەن مەبلەغنى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ « يامان غەرەزلىك ھەرىكىتى » گە ئىشلەتتى.باياناتتا يەنە : « ئادرىئان دەريا 1 - نومۇر » غا ياردەم بېرىدىغان ھەرقانداق ئادەم ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالىنىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ دېيىلدى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有