ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دوكلاتتا ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 19:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى ئەنگلىيە بانكىسى 8-ئاينىڭ 30 -كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016 - يىلى ئەنگلىيە« ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » نى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغاندىن بۇيان، ئەنگلىيە كارخانىلىرىنىڭ سالغان مەبلىغى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، كۆپ ساندىكى كارخانىلار بۇنى « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » دا دۇچ كەلگەن ئاساسلىق ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش »نى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويغاندىن بۇيان، ئەنگلىيە كارخانىلىرىنىڭ سېلىنمىسى % 11 تۆۋەنلىگەن، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى % 2 تىن % 5 كېچە تۆۋەنلىگەن.دوكلاتتا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى : « ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى تۆۋەنلەشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش قاتلىمى ھەر ھەپتىدە نەچچە سائەت سەرپ قىلىپ « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.ئىلھام مامۇت

پولشا بىلەن ئامېرىكا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ئورنىدىن يەنە ئالتىنى كۆپەيتتى.

پولشانىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى Mariusz مارۇسىز 8-ئاينىڭ 30 -كۈنى مۇنداق دېدى : پولشا ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ئورنىدىن يەنە 6 كۆپەيتىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى ، 7 - ئورنى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۇ شۇ كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى جون بولتون بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق جاينىڭ كونكرېت ئورنىنى تىلغا ئالمىدى.






中央广播电视总台 央广网 版权所有