ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا شىنجاڭ مەسىلىسىدە قالايمىقان سۆزلىمەسلىككە نەسىھەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-05 19:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئونىڭ يېقىندا تىۋېتتىردىكى ماقالىسىدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى مەسىلىسى ھەققىدە پاسسىپ سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا كەلسە-كەلمەس شىلتىڭ ئېتىش، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى.

گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، چەتئەللەرنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى. شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا قاتناشقان ھەم يېنىك جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى قانۇن بويىچە تەسىس قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇملۇقى مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ھەر مىللەت ئىناق ياشىماقتا، ئۇدا ئۈچ يىل تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرىنى كەڭ دائىرىدە قوللىدى.

گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە رەڭلىك كۆزئەينەكنى ئېلىپ تاشلاپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدىن ۋاز كېچىپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا كەلسە-كەلمەس شىلتىڭ ئېتىش، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有