ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيە پارلامېنتى قارالمىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالدى،

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-05 20:10

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى 9-ئاينىڭ 3 - كۈنى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ، باش ۋەزىرى جونسۇندىن پارلامېنت قارالمىسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش تەكلىپىنى ماقۇللىدى. جونسون ئارقىدىن، ئەگەر پارلامېنت « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » تەكلىپىنى كېچىكتۈرۈپ ماقۇللىسا ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىمەن دەپ ئاگاھلاندۇردى . ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 328 ئاۋازنىڭ قوللىشى ، 301 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك نەتىجە بىلەن، جونسۇندىن پارلامېنتنىڭ قارالمىسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش تەكلىپىنى ماقۇللىدى. تەكلىپ ماقۇللانغاندىن كېيىن ، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى 9-ئاينىڭ 4 -كۈنى « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش » تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئاۋازغا قويدى . ئەگەر تەكلىپ ماقۇللانسا ،كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » نى 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ ، بولمىسا، بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن بۇرۇن پارلامېنت ئاۋاز بېرىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » كېلىشىمىنى ياكى « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش»نى ماقۇللىشى كېرەك.

ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، جونسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى : تەكلىپنىڭ ماقۇللىنىشى ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ ، پارلامېنت « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»دەك ھەرقانداق كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. ئەگەر پارلامېنت « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » تەكلىپىنى كېچىكتۈرۈپ ماقۇللىسا ، مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش بىردىنبىر تاللاش بولۇپ ، خەلق كىمنىڭ ئەنگلىيەگە ۋاكالىتەن بىريۇسسېلغا بېرىپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有