ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لوندون ئاكسىيە بىرژىسى قوڭغۇراق چېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ دۇنياغا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىغىنىنى تونۇشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-05 19:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

لوندون ئاكسىيە بىرژىسى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى قوڭغۇراق چېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 15-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىغىنىنى تونۇشتۇردى. جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ ، لوندون ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نىكىل لاسس ۋە ئەنگلىيەنىڭ سودا ساھەسى، ئەنگلىيەدىكى چياۋمىنلار ساھەسى ، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلاردىكى يۈزگە يېقىن ئەزىز مېھمان مۇراسىمغا قاتناشتى . 15 - نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىغىنى 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى ئەنگلىيە جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ، سىنگاپور جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، شياڭگاڭ جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە تايلاند جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن . « دۇنيانىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ، جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ يېڭى پۇرسىتى » يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىنىدۇ. دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىغىنى ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ . تۇنجى قېتىملىق يىغىن 1991 - يىلى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، دۇنيادىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى .

中央广播电视总台 央广网 版权所有