ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پەلەستىن، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسىنىڭ ھىبلوننى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-06 13:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ رۇدېنا 9-ئاينىڭ 4 -كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدىكى پەلەستىن شەھىرى ھىبلوندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇنى «خەتەرلىك ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى» دېدى.

رۇدېنا باياناتىدا مۇنداق دېدى: نېتانىياخۇ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسرائىلىيە پارلامېنت سايلىمىدا ئىسرائىلىيەدىكى ئوڭ قاناتلارنىڭ سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھىبلونغا بېرىپ ھەمدە ئىبراھىم مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى، شۇنداقلا بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھېبلوننى يەھۇدىيلاشتۇرۇش يولىدىكى بىر قەدىمى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھىبلون ۋە ئىبراھىم مەسچىتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈشنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ھىبلون ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىبراھىم مەسچىتى تۇرۇشلۇق جاينى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس جايى دەپ قاراپ كەلگەن. نۆۋەتتە، تەخمىنەن 220 مىڭ پەلەستىنلىك بىلەن تەخمىنەن 1000 يەھۇدىي ھىبلوندا ئولتۇراقلاشقان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有