ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇتىن: ھىندىستان رۇسىيەنىڭ ئاچقۇچلۇق شېرىكلىرىنىڭ بىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-06 13:40

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى .پۇتىن سۆھبەتتىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان رۇسىيەنىڭ مۇھىم شېرىكلىرىنىڭ بىرى.

پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئەۋزەل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، دوستانە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ھالقىلىق بولغان يەر شارى ۋە رايون مەسىلىسىدىكى مەيدانى يېقىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئاستىدا مەيدانىنى ئۆز - ئارا ماسلاشتۇردى. رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئورتاق كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

مودى مۇنداق دېدى: تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن، ھىندىستان بىلەن رۇسىيە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنياغا موھتاج، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ھەمكارلىقى بۇ نىشانغا يېتىشتە ئىنتايىن زۆرۈر. ھىندىستان بىلەن رۇسىيە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پۇتىن بىلەن مودى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلگەن شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى.






中央广播电视总台 央广网 版权所有