ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشقا توسقۇنلۇق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-06 13:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 9-ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشنى توسۇش» نى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسون 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن ماقۇللانمىدى.

ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 327 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 299 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئەگەر ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ۋاقتى توغرىسىدا 10-ئاينىڭ31-كۈنىدىن بۇرۇن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، باش ۋەزىرنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا خەت يېزىپ، «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.جونسون ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى : ئەگەر پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق تەكلىپنى رەت قىلسا، ھۆكۈمەت پۈتۈنلەي ھەرىكەت قىلالمايدۇ، شۇڭا مەن 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈپ، كىمنىڭ باش ۋەزىر بولۇشنى قارار قىلىشنى ھەمدە 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» يېڭى كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن.پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى ئارقىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى مۇنازىرە قىلىپ ئاۋاز بەردى، بەلگىلىمىدە زۆرۈر بولغان ئاۋاز سانىغا يەتمىگەچكە، يەنى بارلىق 650 پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپى رەت قىلىندى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有