ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت دوكلاتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى يەر شارىدا ئالدىنقى ئورۇندا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-06 17:52

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى 9-ئاينىڭ 4 -كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇروكتىكى باش ئورگىنىدا ئېلان قىلغان «2019-يىللىق رەقەملىك ئىقتىساد دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيا رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيا رەقەملىك بايلىقى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سۇپىسىغا يۈكسەك مەركەزلەشكەن.

دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىر يىپيېڭى «سانلىق مەلۇمات قىممەت زەنجىرى» شەكىللەندى، رەقەملىك سۇپا قۇرغان كارخانىلار سانلىق مەلۇمات قوزغىتىش تىپىدىكى ئىقتىسادتا غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە. دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ چوڭ 20 رەقەملىك كارخانىنىڭ % 40 ى سۇپا ئاساسىدىكى سودا ئەندىزىسىگە ئىگە. دوكلاتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت تەدبىر قوللىنىپ،رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى مۇراجىئەت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايون ۋە يەر شارى قاتلىمىدا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تولۇق قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاقىدار خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. دوكلاتتا يەنە ياردەمنى كۈچەيتىش،ئورتاق پايدىلىق مۇھىت يارىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، يەر شارى مىقياسىدا رەقەملىك ھاڭنى كىچىكلىتىش تەكلىپى بېرىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有