ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر: ئەگەر تىرامپ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىشى توغرىسىدا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-06 17:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئامېرىكا سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شيا زۇنئېن يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقلۇق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق قىلىش ئۇنى سىياسىي بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: تىرامپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا داۋاملىق تىجارەت قىلىشىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى قانۇن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى « سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە ». ئۇ مۇنداق دېدى : ئەگەر تىرامپ بۇ ھوقۇقىنى راستىنلا ئىشقا سالسا، بۇ ھوقۇق « چېكىدىن ئاشقان بىر قەدەم » بولۇپ، پۈتكۈل ئامېرىكىدا ئىنتايىن قارشىلىققا ئۇچرايدۇ، جۈملىدىن ئۆزى تۇرۇشلۇق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.

ئامېرىكا - جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان 2019 - يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگودا تىجارەت قىلىپ پايدا ئالغان، جۇڭگو يەنىلا كۆپ ساندىكى زىيارەت قىلىنغۇچى كارخانىلار ئالدىن ئويلىشىدىغان بازار ئىكەن. ئامېرىكا - جۇڭگو سودا مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى كرېگ ئاللېن مۇنداق دېدى : ئامېرىكا كارخانىلىرى ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ، لېكىن ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات كۆپ ئەمەس. ئۇ مۇنداق دېدى، جۇڭگودا تىجارەت قىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى ئامېرىكا كارخانىلىرى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە، جۇڭگو يەنىلا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق موتورنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.





中央广播电视总台 央广网 版权所有