ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۇدان بىرلەشمە ئىگىلىك ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-06 17:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سۇدان بىرلەشمە ئىگىلىك ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇل فاتىخ بۇرھان 9-ئاينىڭ 4 -كۈنى خارتۇمدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇدان- سۇدان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

بۇرھان شۇ كۈنى جۇڭگونىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما شىنمېن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى : سۇدان جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سۇدانغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە ھەمدە نۇرغۇن خەلقئارا ۋە رايون سورۇنلىرىدا سۇداننى قەتئىي قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. سۇدان، سۇدان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتۈكچى مەزگىلدىن مۇقىم ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ ھەمدە سۇداندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ. 


中央广播电视总台 央广网 版权所有