ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىنىشىنىڭ ئادىل،

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 16:46

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شۋېتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى ۋەكىلى چېن شۈ 9-ئاينىڭ 6 -كۈنى جەنۋە دۆلەتلەر سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا جۇڭگونىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42-قېتىملىق يىغىنىغا بولغان تەشەببۇسى ۋە قارىشىنى تونۇشتۇردى. چېن شۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42 - قېتىملىق يىغىنىدا تەرەققىيات ھوقۇقى، ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش، تېررورىزمنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ھەققانىيەت يولىدا سۆز قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42 - قېتىملىق يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有