ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇئىن: تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2019-يىللىق نېپال-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇدا ئېچىلدى. مۇنبەرگە قاتناشقان نېپالنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پۇئىن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز، دېدى. پۇئىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، نېپال بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇل ئەسلىھە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ تېز ئىلگىرىلىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. نېپال پۇرسەتكە تولغان زېمىن، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، نېپالنىڭ «گۈللەنگەن نېپال، بەختلىك نېپاللىقلار» دۆلەت ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى قارىشى ئالىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有