ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باچلەيت شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئالى مەخسۇس خادىمى باچلەيت 9-ئاينىڭ 4-كۈنى يىللىق قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئېنىڭ تىنچ سۆزلىشىش سۇپىسى قۇرۇشنى جاكارلىشى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بارلىق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ۋە مال-مۈلۈككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلەيمىز. ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.



中央广播电视总台 央广网 版权所有