ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيە: چاۋشيەن سىناق قىلىپ نامەلۇم ئۇچقۇ قويۇپ بەردى دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-03 18:41

كورېيە ھەربىي تەرەپ 10-ئاينىڭ 2-كۈنى: چاۋشيەن شۇ كۈنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە سىناق قىلىپ نامەلۇم ئۇچقۇ قويۇپ بەردى دېدى.

كورېيە ئارمىيەسى بىرلەشمە ئىشتابى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، چاۋشيەن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 7 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە جياڭيۈەن يولى يۈەنشەن تېغى ئەتراپىدىن سىناق قىلىپ نامەلۇم ئۇچقۇ قويۇپ بەرگەن. چاۋشيەننىڭ بۇ نامەلۇم ئۇچقۇسىنىڭ ئۇچۇش ئارىلىقى 450 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى 910 كىلومېتىر كېلىشى مۇمكىنكەن. كورېيە ھەربىي تەرەپ چاۋشيەننىڭ يەنە بىر قېتىم قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى بار-يوقلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھوشيارلىقنى ساقلاپ تۇرغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有