ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاۋشيەن يېڭى تىپتىكى چۆكمە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-03 19:00

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە پەنلەر ئاكادېمىيەسى 10-ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى يۈەنشەن قولتۇقى سۇ تەۋەسىدىن « شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى - 3 » ناملىق يېڭى تىپتىكى چۆككە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تىپتىكى چۆكمە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىش يۇقىرى بۇلۇڭلۇق قويۇپ بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان . سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، يېڭىدىن لايىھەلەنگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ يادرولۇق تاكتىكىلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچى ئىلمىي دەلىللەندى، سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىش ئەتراپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ھېچقانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有