ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاۋشيەن ھۆكۈمەت تەرەپ كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-07 17:17

جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، چاۋشيەن تاشقى مەدەنىيەت ئالاقە كومىتېتى ۋە چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە پيۇڭياڭدىكى خەلق مەدەنىيەت سارىيىدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەي خېڭچې ۋە چاۋشيەننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە كادىرلىرى، جۇڭگونىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى جىنجۈن ۋە ئەلچىخانا خادىملىرى، جۇڭگو مەبلىغى ئاپپاراتلىرى ۋە شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىق 100 نەچچە كىشى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

تەي خېڭچې كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل مەيدانى. چاۋشيەن جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ شانلىق كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

لى جىنجۈن مۇنداق دېدى: خىرىس كەسكىنلىشىۋاتقان، خەۋپ-خەتەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، سوتسىيالىزم يولىدا تەڭ مېڭىۋاتقان جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن كۈندىن كۈنگە بىربىرىگە تايىنىپ، تەقدىرداش بولۇۋاتىدۇ. 70 يىللىق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگونىڭ چاۋشيەن بىلەن بولغان دوستلۇقنى راۋاجلاندۇرۇش ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى، يۆنىلىشى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش باشتىن-ئاخىر جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有