ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ دۆلەت كۆرگەزمىسىنىڭ نەق مەيدان يايمىسىنى ياساش قۇرۇشى ئاخىرلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-31 15:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نۆۋەتتە، دۆلەت ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسىنىڭ نەق مەيدان يايمىسىنى ياساش قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، مۇخبىر تۇنجى قېتىم بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت كۆرگەزمىسىگە بېرىپ نەق مەيداندا زىيارەتتە بولدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمى جەمئىي 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جۈملىدىن مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى، كەسىپ ئەھۋالى، مەبلەغ سېلىش ساياھىتى، ئادىمىيەت، پەن-تېخنىكا ۋە ئۆزگىچە كەسىپلەر مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. 15 ئاساسلىق مېھمان دۆلەت كامبودژا، چېخ، فىرانسىيە، گرېتسىيە، ھىندىستان، ئىتالىيە، يامايكا، ئىئوردانىيە، قازاقىستان، مالايسىيە، پېرۇ، رۇسىيە، تايلاند، ئۆزبېكىستان ۋە زامبىيە، ھەرقايسى دۆلەت سارايلىرىنىڭ ئوبراز لايىھەسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى نامايەن قىلىنغان.

2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ يايمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى جەھەتتە، سۈرئەتكە كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەرلىكنى چىڭ تۇتۇشتىن باشقا، يەنە يېشىل مۇھىتقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى.

2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت كۆرگەزمىسى 8 كۈن ئۇزارتىلىپ، 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有