ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-31 15:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3-كومىتېتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قاراپ چىقتى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىدى.

بىلارۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رىباكوۋ 54 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلدى، ئۇ جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ماختىدى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى يولسىز ئەيىبلەشنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

رىباكوۋ مۇنداق دېدى: بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ئايرىم دۆلەتلەرنى ئىسمىنى ئاتاپ ئەيىبلىشى ۋە ئاشكارا بېسىم قىلىشىغا قارشى تۇرىمىز، بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونى يولسىز ئەيىبلىشىنى توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. جۇڭگو خەلقئارانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەتمۇ ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، قارشى تەرەپتىن چىقىپ، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇردى.

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، باش ئەلچى جاڭ جۈن ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە قىلغان ئاساسسىز گەپلىرىگە قاتتىق رەددىيە بەردى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگوغا قارشى ئويۇنلىرى شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولدى. خۇددىي نەچچە ئون دۆلەت ئورتاق سۆز قىلغان ۋە ئايرىم سۆز قىلغاندا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قوللانغان تەدبىرلىرى-ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، يەرلىكنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىدى. بىز ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلماسلىق، پاكىتنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم 60 نەچچە دۆلەت سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەيدانىنى قوللاپ، مۇتلەق ھەققانىي سادانى چىقىرىپ، ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ پاكىتنى بۇرمىلاش، جۇڭگونى يولسىز ئەيىبلىشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى. بۇ-كىشىلەر رايىنىڭ مايىل ياكى مايىل ئەمەسلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش، قارا چاپلاشنىڭ كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدىغانلىقى، پۈتۈنلەي قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

گېڭ شۇاڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك شۇنى بىلىدۇكى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى شانلىق ئەمەس. ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى كەلسە-كەلمەس ئەيىبلەشكە قىلچە سالاھىيىتى يوق، ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە قايتىدىن ياخشى ئويلىنىشى كېرەك.

گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۇلارنى «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» ساختا نىقابىنى بالدۇر يىغىشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىشنى، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، ۋەزىيەتنى تونۇپ يېتىپ، ئېقىمغا ماسلىشىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقىقىي ياخشى، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشقا نەسىھەت قىلىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有