ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىلارۇسىيە رايوننى ھەربىيلەشتۈرۈشكە يول قويماسلىق مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-31 15:58

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بېلارۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېلارۇسىيەنىڭ رايوننى ھەربىيلەشتۈرۈشكە يول قويماسلىق مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ شۇ كۈنى تاراتقۇلارغا ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېلارۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بېلارۇسىيە تەرەپ كۆرۈشۈشتە ئامېرىكىنىڭ لىتۋا چېگرىسى ئىچىدىكى بېلارۇسىيە چېگرىسىغا يېقىن رايونلاردا ئەسكەر ۋە ئېغىر تىپتىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېلارۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بېلارۇسىيە چېگرىسىغا يېقىن رايوندىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا قارىتا، بېلارۇسىيە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باراۋەر ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有