ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تىرامپقا قارىتىلغان ئەيىبلەش تەكشۈرۈش تەرتىپى قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-01 18:12

 ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 232 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 196 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى بىلەن زۇڭتۇڭ تىرامپنى ئەيىبلەش تەكشۈرۈش تەرتىپىگە قارىتىلغان بىر قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇ ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم رەسمىي بېلەت تاشلىشى. بېلەت تاشلاش نەتىجىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك پارتىيە-گۇرۇھلار بويىچە ئايرىلغان، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى قارار لايىھەسىگە قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرمىگەن، دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە ئىككى كىشى قارشى ئاۋاز بەرگەن. تىرامپ قارار لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ «قارا چاپلاش» ھەرىكىتى دېگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有