ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىراق زۇڭتۇڭى: يېڭى سايلام قانۇنى چىقىرىلىدۇ ھەمدە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-01 18:13

ئىراق زۇڭتۇڭى سالىھ 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئىراق دائىرىلىرىنىڭ يېڭى سايلام قانۇنىنى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە سايلام كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەۋاتقانلىقىنى، ئالاقىدار خىزمەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەستىقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سالىھ شۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىراق دائىرىلىرى «تېخىمۇ ئادىل بولۇش، سۈنئىي كونترول قىلىش ۋە ساختىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تىن ئىبارەت يېڭى سايلام قانۇنىنى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە سايلامنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سايلام ھەيئىتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى. يېڭى سايلام قانۇنى ئېلان قىلىنىپ، سايلام ھەيئىتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، مەن چوڭ سايلامنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشىنى قانۇن بويىچە تەستىقلايمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有