ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىۋان زۇڭتۇڭى مۇتەخەسسىسلەر تىپىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-01 18:14

لىۋان زۇڭتۇڭى مىشېل ئوئېن 10-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەندە، ئۇ قاراشلىق سىياسىي گۇرۇھلارغا قاراپ ئەمەس بەلكى ئىقتىدارى ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن مىنىستىر نامزاتىنى قارار قىلىش كېرەك. ئوئېن شۇ كۈنى كەچتە ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېۋىزىيە سۆزى قىلدى. ئوئېن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىشى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىردىنبىر ئويلىنىشقا تېگىشلىكى لىۋان خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، شۇڭا ئاقىللارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش كېرەك. ئۇ: لىۋان «باي، ئىجادچان بولغان ئىناق ھۆكۈمەت»كە موھتاج دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有