ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاۋشيەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى راكېتامىيۇتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-01 18:15

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە پەنلەر ئاكادېمىيەسى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى راكېتامىيۇتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە ئېتىشتىن مەقسەت دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى راكېتامىيۇتنىڭ ئۇدا ئېتىش سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى دەلىللەش ئىكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ قورال سىستېمىسىنىڭ جەڭ ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى . دۆلەت مۇداپىئە پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەق مەيداندا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا سىناق تەرىقىسىدە ئېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى بىۋاسىتە دوكلات قىلدى. خەۋەردە: چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «ئىنتايىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى» دېيىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有