ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-03 19:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتىمىز، ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قىلىدىغان ئېكسپورتنى كۆپەيتىشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىزوتاكىس 68 گىرېتسىيە كارخانىسىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگو قۇدرەتلىك ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ كەلدى، بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى .

ئۆمەك باشلاپ بۇ نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان زامبىيەنىڭ سودا-سانائەت مىنىستىرى كىرىستوف يالۇما مۇنداق دېدى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە يەنە بىر ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولى ئېچىپ بەردى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زامبىيە مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو بازىرىغا كىرگۈزۈشنى سۇپا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئىمپورت كۆرگەزمىسى تەمىنلىگەن بازار پۇرسىتى زامبىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن پات ئارىدا 2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان مالايشىيانىڭ مۇئاۋىن خەلقئارا سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى ۋاڭ جيەنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش جۇڭگونىڭ سودا شېرىكلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، 2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ مالايشىيا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ ئېشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

ئۆمەك باشلاپ ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان لىۋان ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىقى باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئالىيە ئابباس مۇنداق دېدى: بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ لىۋاننىڭ جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش يېڭى يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو-بېلارۇسىيە ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ بېلارۇسىيە تەرەپ رەئىسى سىنوپكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە بېلارۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورتى ئاشتى، 2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا پايدىلىق .

چېخ سودا-سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مىلوسلاف شاينا مۇنداق دېدى: چېخ بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدى، ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ كىشىلەردە «چېخ ياسىمىچىلىقى» توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.






中央广播电视总台 央广网 版权所有