ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت ئەمەلدارلىرى جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئىجابىي باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-04 16:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئىنگې ئانوسون يېقىندا كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا تېخىمۇ كەڭ كۆپ تەرەپچىلىككە موھتاج، جۇڭگو كۆپ تەرەپچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. ئاننوسون: بۈگۈنكى كۈندە مۇھىت تېمىسى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشى كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق ھەمراھ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو دۇنياغا تۆۋەن كاربونلۇق كەلگۈسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت يولىنى نامايان قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有