ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

35-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئىچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-04 16:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

35-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ۋە شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلدى . شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى تايلاند زۇڭلىسى بايۇ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى : شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ھەمراھلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، ئورتاق يولۇققان خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 35 - نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ۋە شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنى11-ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلدى . شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرە قىلىپ ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有