ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپلىگەن تۈرلەر گۋاداردا ئەمەلىيلىشىپ جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 15:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى گۋادار شەھىرىدە 11-ئاينىڭ 4 -كۈنى 300 مىڭ كىلوۋاتلىق كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى، جۇڭگو - پاكىستان فاچۈر ئوتتۇرا مەكتىپىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرگە ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

جۇڭگو دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىڭ جىجې ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بۇ تۈرلەر ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ، گۋادار يەرلىك ئاممىسىنىڭ توك ئىشلىتىش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدۇ.

پاكىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى سادىق ساجىلانى گۋادار پاكىستان ھەتتا پۈتكۈل جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا يۈزلەنگەن ئىشكى. جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كەلگۈسىدە داۋاملىق پاكىستانغا مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ دېدى. 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有